موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان دوستى ماجىگ
شى جىنپىڭ 2014-يىلى 27-يانۋار ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا شىلىنغول ئايمىقىدىكى 81 ياشلىق چارۋىچى ماجىگ بىر ئائىلىكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كىگىز ئۆينىڭ ئىچىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شىن جىنپىڭ ئۇلاردىن: «بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى يىراقمۇ؟» «كېسەل كۆرسىتىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش قولايلىقمۇ؟» «قانچە تۇياق قوي، ئېتىڭلار بار؟» «كىرىمىڭلار قانداق؟» دەپ تەپسىلىي سوئال سورىدى. ماجىگ بىر ئائىلە كىشىلىرى سوئاللارغا بىرمۇ-بىر جاۋاب بەردى ۋە تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. باش شۇجى ئاممىنىڭ يەنە قانداق تەلىپى بار دەپ سورىغاندا، بوۋاي يەرلىكتىكى قىسمەن چارۋىچىلارنىڭ توك ئىشلىتىش، قاتناش جەھەتتە يەنىلا قىينىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شى جىنپىڭ يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىلان تۈزۈپ، تىرىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.