باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋەكىل خۇ يىفېڭ: خۇگې جىلېتۇ دېلوسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

2015.03.08 18:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋەكىل خۇ يىفىڭ: خۇگې جىلېتۇ دېلوسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دېدى.

  خۇ يىفىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا تاراتقۇلار خۇگې جىلېتۇ دېلوسىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلدى، بۇ دېلوغا قارىتا قايتا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىشنىڭ مۇنداق تۆت خىل ئەھمىيىتى بار: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانون بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جانلىق قانونىي ئەمەلىيىتى. خۇگې جىلېتۇ دېلوسى مەملىكەت بويىچە تۈزىتىش ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ئۈلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان تۇنجى خاتا ھۆكۈم قىلىنغان ئەنزە. ئىككىنچى، سىياسىي قانون ئورگانلىرىنىڭ قانون بويىچە خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالى. ئۈچىنچى، پۇقرالارنىڭ قانونىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي دەرسلىك ماتېرىيالى. تۆتىنچى، سىياسىي قانون ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىدىكى ياخشى ئاچقۇچ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر