مياۋزۇ مىللىتىدىن بولغان دوستى شى چىۋېن، شى چېڭفۇ شى جىنپىڭ 2013-يىلى 3-نويابىر خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ يوللىرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ خۇاخېڭ ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر شى چىۋېننىڭ ئۆيىگە باردى. ياغاچ ئۆينىڭ تۆت تېمى قاپقارا بولۇپ، بۇ ئۆيدىكى بىردىنبىر ئېلېكتىر سايمىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان لامپۇچكا ئىدى. بوۋاينىڭ خوتۇنى شى پاجۈەن: «سىز كىم بولىسىز؟» دەپ سورىغاندا، كەنت مۇدىرى: «بۇ باش شۇجى بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. شى جىنپىڭ بوۋاينىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يېشىنى سوراپ 64 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلدى.
شى چىۋېننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەش ئۈچۈن شىن جىنپىڭ بوۋاي-مومايدىن «قورسىقىڭىز تويامدۇ؟» «مېۋىلىك دەرىخىڭلار بارمۇ؟» «ئۆي ھايۋىنى باقتىڭلارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ ئۆي ھايۋىنى باقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ يەنە: «ئۆزۈڭلار يەمسىلەر ياكى ساتامسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇ بوۋاي-موماي ياتىدىغان كىچىك ياغاچ ئۆيگە كىرىپ، گۈرۈچ ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ كۆردى، يەنە قوتانغا كىرىپ ئۇلار باققان ئۆي ھايۋانلىرىنى كۆردى.
شى جىنپىڭ 2013-يىلى 3-نويابىر خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا خۇاخېڭ ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە شى چېڭفۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قورودا كەنت كادىرلىرى، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ سۇ، يول، توكتىن تارتىپ مائارىپ، داۋالىنىشقىچە بىرمۇ-بىر سوئال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن خۇنەندىكى ئاز سانلىق مىللەت يۇرتداشلارنى يوقلاش ئۈچۈن كەلدىم. مەن ئۇلارغا ئاز سانلىق مىللەت يۇرتداشلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى كۆرىمەن، ۋاقىتلىق رەتلىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، ئەسلىدە قانداق بولسا شۇنداق بولىۋەرسۇن، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ باققۇم بار دېدىم.