دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان دوستى گاۋ دېرۇڭ
شى جىنپىڭ 2015-يىلى 20-يانۋار يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇرۇشلۇق جايدىكى مېھمانخانىدا نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دۇلۇڭ مىللىتى، نۇزۇ مىللىتى ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ «پېشقەدەم ھاكىمى» گاۋ دېرۇڭ قاتارلىق كادىرلار، ئامما ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى.
شىن جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يەردە دۇلۇڭ مىللىتى، نۇزۇ مىللىتى ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. دۇلۇڭ مىللىتى دېگەن نامنى جۇ زۇڭلى قويغان، بۇ مىللەتتە پەقەت 6900 كىشى بولۇپ، نوپۇسى ئاز بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە مەغرۇر، ھۆرمىتى بىلەن ياشاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: سىلەر چېگرا رايوندا، تاغلىق جايدا شۇنداقلا نامرات رايوندا ياشايسىلەر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرەتتىڭلەر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا دۇلۇڭ مىللىتى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، تۇنجى قېتىملىق ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشتەك 2-قېتىملىق ھالقىش بولدى. بۇ جەرياندا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق دۇلۇڭ مىللىتىگە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش غەمخورلۇق قىلىدۇ، قوللايدۇ، ياردەم بېرىدۇ.
شى جىنپىڭ گاۋ دېرۇڭغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: سىز دەۋرنىڭ نەمۇنىچىسى، دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بايرىقى. سىزگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ يېتەكچىلىكدە دۇلۇڭجياڭ يېزىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.