باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا ھۇقۇقنى ئاجىزلىتىپ، پاكلىقنى كۈچەيتىش ئوتتۇرغا قويۇلدى

2015.03.08 17:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بۇرۇنقىدەكلا يۇقىرى بېسىملىق ھالەت ساقلىنىدۇ، دەپ ئوتتۇرغا قويدى. جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا كوللېكتىپ قاراپ چىققاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چياڭ ۋېي ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىشتىن بىزار بولىدىغانلىقى، ئۈچكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرغا قويدى. 1- مەن ئارقا ئىشىكتە مېڭىش، مېنى ئىزدەپ ئەمەل تەلەپ قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىمەن. 2-،ماڭا سوۋغا، ماددىي بۇيۇم، پۇل، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا قىلىشقا تېخىمۇ قارشى تۇرىمەن. مەن مۇنداق تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردىن بىزار بولىمەن ھەمدە قارشى تۇرىمەن: بەزىلەر مېنىڭ بايرىقىمنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شەخسىي مەنپەئەتىگە چوغ تارتىدۇ، مەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندىن ھامان بۇنى توسۇش ۋە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، مەنئىي قىلىنغان رايون يوق بولۇش، ھەممە يەرنى قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ باۋشۇن مۇنداق دېدى: بىز چىرىلىككە قەتئىي يول قويماي ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، قەيەردە چىرىكلىك ھادىسىلىرى بولسا، شۇ يەردە قارشى تۇردۇق. قەيەردە چىرىك ئۇنسۇرلار بولسا، شۇ يەردە بىر تەرەپ قىلدۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ۋە چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن قالدۇرمىدۇق.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چاۋلياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئايرىم ئورۇنلار مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بانا سەۋەب كەلتۈرۈۋاتىدۇ، شەكلىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. بۇ 4 ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن جاھىللىقى، يىلتىزىدىن تۈگىمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، قەتئىي بوشاشتۇرماستىن، چىرىكلىكنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  لىياۋنىڭلىق ۋەكىل گاۋ باۋيۈ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ھوقۇقنى ئاجىزلىتىپ، پاكلىقنى كۈچەيتىش ئالاھىدە ئوتتۇرغا قويۇلدى. بۇ ئۆتكەن يىلى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئوتتۇرغا قويغان ھوقۇق تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قاپلاپلا قالماستىن، يەنە ھوقۇق قەپەسگە مەھكەم سولۇنۇپ، ھوقۇقنى ئىجارىگە ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش بوشلۇقى ۋە چىرىكلىك يىلتىزى قەتئىي تۈگىتىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كەيفېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جى بىڭۋېي مۇنداق دېدى: ھوقۇقنى قەپەسگە مەھكەم سولاشتا، ئالدى بىلەن ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش كېرەك، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىر ئۆلۈش ئازايتىلسا، بازار بىر ئۆلۈش قويۇپ بېرىلىدۇ. شىنجاڭلىق ۋەكىل گو ليەنشەن مۇنداق دېدى: مائارىپ، تۈزۈم ۋە جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بىر سىستېما، بۇ بىر قاتار تۈزۈملەرنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، چەكلەشكە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر