باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2015.03.08 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ نازارىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسى 7 - مارت جايلاردىكى مۇھىم يول ئېغىزلىرىدا تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ھەمكارلىق پىلانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خۇاڭخې يولىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسى ئالدىدىكى تەشۋىقات نۇقتىسىدىن ئىگلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە قاتارلىق بەش خىل تىلدا تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقاتقان، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىملەرنى قويۇپ بەرگەن. بىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يىل بېشىدا بەش خىل تىلدا 190 مىڭ پارچە ھەرخىل تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتقان.

  ئۇقۇشىمچە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9880 ئوقۇغۇچى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3300 ئوقۇغۇچى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 10 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر