باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى 157 تەكلىپ-تەۋسىيە سۇندى

2015.03.08 17:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەقىل كۆرسەتتى، تەكلىپ يازدى. 7-مارتقا قەدەر، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى جەمئىي 157 تەكلىپ-تەۋسىيە سۇندى.

  بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى ۋە 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىدىغان يىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل يەنە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى پەللىسىگە توغرا كەلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى پارتىيە ۋە دۆلەت، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدەپ، يېڭى نورمال ھالەتتە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» قۇرۇلۇشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكلىپ-تەۋسىيە سۇندى.

  ئىگىلىنىشىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تەكلىپ گۇرۇپپىسى تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەستايىدىل تەكشۈرگەن ھەم تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر