باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن شىنجاڭغا سۇ باشلاش

2015.03.08 16:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جياڭ پىڭئەن 5 - مارت مۇنداق دېدى: «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش غەربىي لىنىيەسى قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇش شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ، غەربىي شىمال، ھەتتا مەملىكىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دۆلەت زېمىن بايلىقىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى، نوپۇسنى قامداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىدۇ.

  جياڭ پىڭئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدىكى بىر تۈركۈم سۇچىلىق، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش غەربىي لىنىيەسى قۇرۇلۇشى»، چىڭخەي − شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن شىنجاڭغا سۇ باشلاش (1 - باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشتا تۇڭتيەن دەرياسىدىن سۇ باشلىنىدۇ) مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ كەلدى. ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلسا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى قىس، تارقىلىشى تەكشى ئەمەس. «ئەگەر <جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش غەربىي لىنىيەسى قۇرۇلۇشى> يولغا قويۇلسا، سۇ تارتىلىدىغان رايونلارنىڭ بويىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، شىنجاڭدا سۇ بايلىقى قىس بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ». جياڭ پىڭئەن مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئەگەر ھەر يىلى تۇڭتيەن دەرياسىدىن بەش مىليارد كۇب مېتىر سۇ شىنجاڭغا باشلانسا، دەريا لىنىيەسىنىڭ سۇ سىڭىش مىقدارى ئازىيىپ، سۇ جانلىقلىرى ۋە دەريا بويىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەمما تۇڭتيەن دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى جىنشاجياڭ دەرياسىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 152 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ يۆتكەش مىقدارى پەقەت %3.3 بولغاچقا، بۇنىڭ تەسىرىمۇ چەكلىك بولىدۇ. سۇ ئېقىپ بارىدىغان لىنىيەنىڭ بويى، بولۇپمۇ، شىنجاڭدىكى سۇغا ئېرىشىدىغان رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن شىنجاڭنى ئاساس قىلغان غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلارغا سۇ باشلانسا، غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلارنىڭ سۇ ئايلىنىشى ياخشىلىنىدۇ، بۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق.

  «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش غەربىي لىنىيەسى قۇرۇلۇشى»نىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى كىچىك، مۇددىتى قىسقا، مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشقىمۇ قولايلىق. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كونا يول، ئالاقىلىشىش ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. سۇ يەتكۈزۈش غول لىنىيەسنىڭ مۇساپىسى 980 كىلومېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ، بۇ تۈرگە 120 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇقراق ئېگىزلىكتىن دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىردىن ئارتۇقراق تۈزلەڭلىككە سۇ تارتىلغاندا، لىنىيە بويىغا يەنە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا بولىدۇ، توك چىقىرىش ئۈنۈمى ئارقىلىق سۇ تەمىنلەش تەننەرخىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  بۇ قۇرۇلۇشقا زور مەبلەغ سېلىنىدىغان، تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يەنىلا تەتقىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جياڭ پىڭئەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى باشلامچى بولۇپ شىنجاڭ، بىڭتۈەن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، رايون، شۇنداقلا سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تەتقىقات كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تەتقىقاتنى تېزدىن باشلاش، «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش» ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر