6-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللار ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، داغدۇغىلىق ھالدا «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 105 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىرلەش يىغىنى ۋە «ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش»تېمىسىدىكى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزىۋان ئەبەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ خۇا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خوۋ خەنمىن قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى.