باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مائارىپ سىپىدىكى ھارماس باغۋەن

2015.03.03 13:19         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىچان ناھىيەلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى شازادىگۈل تۇردى خىزمەتكە قاتناشقان 29 يىلدىن بۇيان بارلىقىنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىشكەن ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئۆز ئەجرىنىڭ قەنتىنى چاققان باغۋەنلەرنىڭ بىرى.

  شازادىگۈل تۇردى خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، تەلەپچان ۋە ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلاش روھى كۈچلۈك ئۈن-تۈنسىز تەر تۈكۈۋاتقان باغۋەنلەرنىڭ بىرى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئىزچىل سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆستىگە ئېلىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردە توختاۋسىز ئەجىر سېڭدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۆزى ئوقۇغۇچىلاردىن 20 نەچچىسىنى شىنجاڭ ئىچكى تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئۆتكۈزۈپ، ئانا مەكتىپىگە شەرەپ كەلتۈرگەن. قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم قولىنى سونۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، 5000 يۈەنگە يېقىن پۇل ۋە ماددى بۇيۇملارنى ئىئانە قىلغان.

  شازادىگۈل تۇردى يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋىلايەت، ناھىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى»، «ئىلغار ئوقۇتقۇچى»، «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس»، «مۇنەۋۋەر تايانچ ئوقۇتقۇچى»، «ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس»، «ئىلغار پەن يېتەكچىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولۇپ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن مۇكاپاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر