باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تۇنجى قېتىم «ئالاقە تورى» ھەرىكەت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2015.03.07 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تۇنجى قېتىم:«ئالاقە تورى +»ھەرىكىتى پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ گۈللەنمە كەسىپ ۋە گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈلۈپ، يېڭى ئىقتىسادى ئېشىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە ماس قەدەمدە يېڭىلىق يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ما خۇاتېڭ مۇنداق دېدى:« ئالاقە تورى+» دېگەن ئۇقۇم ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنكىسى ۋە ئالاقە تورى سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ ئالاقە تورى بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئېكولوگىيەسى ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئالاقە تورى بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخىمۇ جىپسىلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلھەتچىسى ليۇ شىن مۇنداق دېدى: 3د بېسىش تېخنىكىسى، سانائەت ماشىنا ئادىمى، بۇلۇت ھېسابلاش، ئېلكېتىرونلۇق سودا، تېز يوللاش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپ ۋە گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى پەن تېخنىكا يۇقۇرى قوشۇمچە قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئىگىلىك يارىتىش مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭغا غايەت زور بازار بوشلۇقى يوشۇرۇنغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى فەن خۇيتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كوميۇتېر مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىز ئۆزەكتە ئاساسلىقى ئىمپورتقا تاينىمىز، ئۆزەك ئىمپورت سوممىسى خام نېفتنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇلۇت ھېسابلاش يېڭى قېلىپى، يېڭى ھالەت ئالايلۇق كۆچمە ئالاقە تورى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىقلار يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاستە، بۇ جۇڭگونىڭ ياسىمچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك مەدەت بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر