جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگىلىيەلىك بىر ئانا ئوغلى ئۈچۈن سۇنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ئوغۇل بويتاق بولۇپ، بالىلىق بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇ قارارىنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋاكالىتەن قورساق كۆتۈرۈپ بىر بوۋاق تۇغۇپ بەرگەن. نۆۋەتتە بۇ ئوغۇل بوۋاق يەتتە ئايلىق بولغان.