خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-مارت، ۋۇخەن 6-ئوتتۇرا ئاۋىئاتسىيە مائارىپ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياتىقىدا ئۆگۈنۈش قىلماقتا. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې 26-فېۋرال مۇنداق دېگەن، ئېلىمىز ئېلىمىز بىر تۈركۈم ھاۋا ئارمىيەسى ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرۇپ، ئاۋىئەتسىيە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى يېڭى تىپتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قابىليەتلىك ليۇتچىكلارنى تەربىيەلەپ چىقماقچى. بۇ يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى ھاۋا قاتنىشى تەجرىبە سىنىپىغا مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئاسماندا پەرۋاز قىلىشنى ئارزۇلايدىغان غايىلىك ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى شوتا بولىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان. (شۈ جوۋ فوتوسى)