باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ساپا مائارىپىدىكى رولى توغرىسىدا

2015.03.04 13:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئائىلە تەربىيەسى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان تەربىيەسى بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ يېتىلىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئائىلە تەربىيەسى دەسلەپكى مەزگىللىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە تەربىيەلەش بولغاچقا، ئۇ بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن باشلىنىدۇ ھەم ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى ساپا مائارىپى تەربىيەسىگە ئاساس سالىدۇ، بالىلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسىنى تولۇقلايدۇ ۋە بېيىتىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ ياخشى ئادەت، ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىدىكى مۇھىم ھالقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلسە ياكى ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ياخشى ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ جىسمانىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتدارىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلاردا ئەڭ دەسلەپكى ئەخلاق قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، گۈزەللىك قارىشى ۋە ئەمگەك قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئائىلە تەربىيەسىنى ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى ۋە زۆرۈر تولۇقلىمىسى دېسەك ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ساپا مائارىپى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشىغا موھتاج بولىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ماسلاشمىغاندا، ساپا مائارىپىدا كۆزلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى، كۆز قارىشى ۋە بالىلارنى تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى ساپا مائارىپىنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلە كەيپىياتىنىڭ قانداق بولۇشىمۇ ساپا مائارىپنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە ئىناق ئۆتۈشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ، چىقىشىغا ئىلھام بېرىشى، ئۆزىنىڭ توغرا سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلار قەلبىدە ئىشەنچىلىك ‹‹تۇنجى ئوقۇتقۇچى››غا ئايلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر