باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2015.02.28 17:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 27-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى بىر تۇتاش ئىلمىي پىلانلاپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئارقىسىدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات داۋامىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارىلىقنى توغرا مۆلچەرلەپ، پەللىنى توغرا تېپىپ، دەل جايىغا زەربە بېرىش كېرەك. ئاۋاز قوشالايدىغان، مەزمۇت تۇرالايدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلغان ھەقىقىي ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىرى بىلەن ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بۆسۈش داۋامىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، قىلالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئىسلاھات لايىھىسىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھىسى؛رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەدلىيە پائالىيىتىگە ئارىلىشىشى، قول تىقىشىغا ئائىت كونكرېت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشنى خاتىرىلەش، مەلۇم قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى بەلگىلىمە؛ خەلق نازارەتچىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛شاڭخەي شەھىرى قانات يايدۇرغان رەھبىرى كادىرلارنىڭ جورىسى،پەرزەنتى ۋە ئۇنىڭ جورىسىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش كارخانا باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىدىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارمۇ پارتكوم، پارتگۇرۇپپىسى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش،بىر تۇتاش پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە ئىشنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسى،قىيىنلىق ۋە ئاسانلىق دەرىجىسى، ئىلگىرى سۈرۈش شەرتىگە ئاساسەن، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قەدىمى ۋە تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ئىش خەرىتىسى ئۇسۇلى ئارقىلىق 190 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئىسلاھات يولى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شەكلى ، ۋاقىتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش،قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىش، ئەدلىيەنى ئادىل قىلىش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھىسىدىكى ئالدىنقى تارماقلار چىقارغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىگىلەش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لازىم.

  يىغىندا كەسپىي جەمئىيەتلەر سودا جەمئىيەتلىرى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارنى ئايرىۋېتىش، شەھەر بازارلار مەھەللىلەر كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش مۇزاكىرە قىلىندى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر