باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ قانداق بولۇشى بەلگىلىك دەرىجىدە 2015-يىلى دۇنيانىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ

2015.03.04 10:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {«جۇڭگونىڭ قانداق بولۇشى بەلگىلىك دەرىجىدە 2015-يىلى دۇنيانىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ». گېرمانىيەلىك ئالىمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىن ھارپىسىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان بۇ سۆزى بەلگىلىك دەرىجىدە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ بارغانسېرى جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيانىڭمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىدەك بۇ ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.}

  «جۇڭگونىڭ قانداق بولۇشى بەلگىلىك دەرىجىدە 2015-يىلى دۇنيانىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ». گېرمانىيەلىك ئالىمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىن ھارپىسىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان بۇ سۆزى بەلگىلىك دەرىجىدە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ بارغانسېرى جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيانىڭمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىدەك بۇ ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  باش باھاردا جۇڭگو ئىككى يىغىن ئاچىدۇ، دۇنيا تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى شەرققە ئاغدۇرىدۇ. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»ئېيتقاندەك، بېيجىڭنىڭ سىياسىيسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

  ئۆتكەن بىر يىلدا دۇنيا- جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەت جىددىي بولۇش، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋار باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈردى. بىر قىسىم ئىقتىسادى گەۋدىلەر پۇلى كىرىشىش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كونتروللۇقىنى يوقىتىش، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئەھۋاللارغا دۇچ كەلدى. كىشىلەر شەرقنىڭ قوياش نۇرىنىڭ دۇنيانى ئىللىتىشىنى، «جۇڭگو موتورى»نىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى روشەن. جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشى بولسا، دۇنيامۇ نەپ ئالىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «يېڭى ھالىتى» خەلقئارا ئىقتىسادى ساھەسىدىكى كەڭ تارقالغان سۆزگە ئايلاندى، «يېڭى ھالەتنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش» كەسىپ ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ «زۆرۈر دەرسلىكى» بولۇپ قالدى. ئىككى يىغىن ھارپىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە بولغان دىققەت قىلىش دەرىجىسى ئاشتى، گەرچە بىر قىسىم كىشىلەر ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، ئەمما ئومۇميۈزلۈك: جۇڭگو داۋاملىق يەر شارى ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، گەرچە %7ئاشقان بولسىمۇ، يىللىق ھازىرقى باھا ئېشىش مىقدارى 800مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. لوندون سىياسىي ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىمى دەننى كۈي ئامېرىكا بىروكىڭىس ئىلمىي جەمئىيىتى تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى %7لىك ئېشىش نىسبىتى 10 يىل ئاۋۋالقى %12كە قارىغاندا تېخىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

  نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى شىدگىرىس يېقىندا « جۇڭگو ئەسىرى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو ئىقتىسادى باشلامچىلىق بىلەن 2015-يىلغا قەدەم باستى ھەمدە بەلكىم ئۈزۈل مەزگىل مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى شىۋاب: جۇڭگو يەنىلا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇشى مۇمكىن» دەپ ھۆكۈم قىلدى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئۈنۈمىنى ھەر قايسى جەھەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چوڭقۇر قاتلامدىن ئېيتقاندا، ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىن 100مىليون ئادەم قېتىم چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلدى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چەتئەلدىكى چىقىمى رېكورت يارىتىپ 164مىليارد 800مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بۇ نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونغا پايدا ئېلىپ كەلدى. سىدنى ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى خەننىس ھىندىشىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى جۇڭگونىڭ سودا شېرىكلىرىگە پايدا يەتكۈزدى، نۇرغۇن دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى دۇنياغا چېتىلىدۇ. ھەممىگە مەلۇم، 2015-يىلى جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ماس ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 2015-يىللىق ئىككى يىغىن- ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانىنى كونكرېت ھۆكۈمەت تەدبىرىگە، دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئىسلاھاتتىكى ھەر بىر قەدەم بىر مىليارد 300مىليون جۇڭگو خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن دۇنيا بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدا جۇڭگو خەلقىنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈپلا قالماستىن دۇنياغىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ. فىرانسىيە جۇڭگو كېڭىشىنىڭ رەئىسىنىڭ:مېنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىغا تولۇق ئىشەنچىم بار دېگەن سۆزى ناھايىتى ۋەكىللىككە ئىگە.

  جۇڭگونىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشىنى دۇنيامۇ قارشى ئالدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ كەينى-كەينىدىن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 2015-يىلى جۇڭگو چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان، يېتەكلەنمەيدىغان، چىرىكلىشىشىگە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى قانداق شەكىللەندۈرۈشنى دۇنيامۇ كۈتمەكتە. بىرازىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پىروفېسسورى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى، چېرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كىرىم قاپقىنىغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. جۇڭگونىڭ چېرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىشى-سىجىل تەرەققىي قىلىشنى ساقلاشتىكى بىر ھالقىلىق كاپالەت.

  2015-يىلى بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغان يىل، خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى يىغىندا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ.

  جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر بەلباغ، بىر يول ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق-شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاندىرى ئوستېرۋېسكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر بەلباغ، بىر يول رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، پۈتكۈل رايوننىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنى رايونلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، رايون ئىقتىسادى تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  جۇڭگو ئالغان نەپتىن پۈتۈن دۇنيا بەھرىمەن بولۇشتەك بۇ ئاددىي يوسۇن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى. ئىككى يىغىن باھار چېچەكلىرىگە ئەگىشىپ كەلدى، ئىسلاھاتنىڭ قەدىمى تېز ھەم مۇقىم ئىلگىرىلىمەكتە. باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ھاياتى كۈچكە تولغان جۇڭگو تەۋرىنىش بولۇۋاتقان دۇنياغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر