باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر ئەزالار بۇ يىللىق ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسى ئۈستىدە توختالدى

2015.03.04 10:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ئىسلاھاتى، مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلدى، يېقىندا ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى ۋە ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2013-يىلىدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن 9 تۈركۈمدە 798 مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جيا كاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنىڭ ماھىيىتى بازارغا قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى بازارغا قويۇپ بېرىش، ھۆكۈمەتكە قويۇپ بېرىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ھۆكۈمەتكە قويۇپ بېرىش، يەرلىككە قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى يەرلىككە قويۇپ بېرىش، مەركەزنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغا ماكرولۇق باشقۇرۇش ۋە قانۇنلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش، جەمئىيەتتىكى ھوقۇق ۋە ھوقۇق مەنپەئەتنى ئۆز ئورنىنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.

  گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق تارماقلار مۇناسىپ ئىسلاھات لايىھەلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈردى ۋە تۈزدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئەڭ تېز بولغاندا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن . دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يىجۇڭ مۇنداق دېدى: ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەممە ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۈچەش نۇقتىسىنى ھۆكۈمەت ۋە تارماقلارغا قارىتىش، يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى ئوبدان قىلىش كېرەك.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، «مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرى مائاش تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، 72 مەركەز كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئالدى بىلەن يېڭى مائاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قېلىپتىن چىقىپ كەتكەن يۇقىرى مائاش سەۋىيەسى بىلەن پەيدىن-پەي خوشلاشتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما زېخۇا مۇنداق دېدى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مائاش ئىسلاھاتىدىن كېيىن، باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ كىرىمى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، لېكىن 1-سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى نىسبەتەن يۇقىرى بولدى، پەرق كىچىكلىدى. بۇ 1-سەپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر