باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېىتىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا گۇرۇپپىغا بۆلۈپ قاراپ چىقىلدى

جاڭ دېجياڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2015.02.27 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 26-فېۋرال تېلېگراممىسى] 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى 26-فېۋرال 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېىتنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا گۇرۇپپىغا بۆلۈپ قاراپ چىقىلدى. جاڭ دېجياڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  گۇرۇپپىغا بۆلۈپ قاراپ چىقىشتا، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېىتنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ ۋە خۇلاسىلەپ، تۆت جەھەتتە گەۋدىلىكئالاھىدىلىك بار دەپ قارىدى: بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن مەسىلىلىرىگە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتكەن. ئىككىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ ھەم تۈنجى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىينىڭ تۈزۈم ئىشەنچىسى ۋە ئاساسىي قانۇن ئىشەنچىسىنى چىڭىتقان. ئۈچىنچى، خىزمەت مىخانىزمى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، قانۇن چىقىرىشتا ئىلمىي ۋە دېموكراتىك بولۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش ۋە ئىزاھات بېرىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا ئىزاھات بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر ۋە ئاممىنىڭ قانۇن چىقىرىشقا قاتنىشىش يولىنى كېڭەيتكەن؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن ۋە ياخشىلىغان. تۆتىنچى، دائىمىي كومىتېت بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كومىتېت باشلىقى يىغىنى تەشكىلىي ئەزالىرى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە-يېزا خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان خىزمەت ھەمكارلىقى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر