باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ سېرىلانكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ساماراۋېيلا بىلەن كۆرۈشتى

2015.02.28 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە سىېرىلانكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ساماراۋېيلا بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىرىلانكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرىلانكا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىغانلىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. سىرىلانكا بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەشنى خالايدۇ، سىرىلانكىنىڭ جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ياخشى قانۇنىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش نۇقتىئىنەزىرى بويىچە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن سەمىمىي ئۇچرىشىپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ئوبدان تۇتاشتۇرۇپ، ئەتراپ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى، تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمكارلىقنى ۋاقىت ۋە بوران چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، بىر بىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ ۋە ياردەم بېرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  ساماراۋېيلا مۇنداق دېدى: سىرىلانكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە جۇڭگوغا قارىتا دوستانە سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. سىرىلانكا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىرىلانكىغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق ۋە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر