باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋىللىئام يۈك-تاقىسىنى ئۆزى سۆرەپ ماڭدى

2015.03.04 12:16   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋىللىئام يۈك-تاقىسىنى ئۆزى سۆرەپ ماڭدى

  3-مارت خەۋىرى: شاھزادە ۋىللىئام 2-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 4:10 ئۆتكەندە شاڭخەي ئەجدىھا گۈزەل سەنئەت سارىيىغا بارغان، ‹‹جېجياڭ لىنىيەسى›› مۇخبىرى ئۇنىڭدىن ‹‹ياخشىمۇسىز›› دەپ ئەھۋال سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ياخشىمۇسىز›› دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

  ئۇ شاڭخەي ئەجدىھا گۈزەل سەنئەت سارىيىغا يېتىپ بارغاندا بېشىغا شىلەپە كىيىۋالغان، يۈك-تاقىسىنى ئۆزى سۆرەپ ماڭغان بولۇپ، ئەنگلىيە كوچىلىرىدىكى كېلىشكەن يىگىتلەردىن پەرقى يوق ئىدى.

  ئۇ شاڭخەيدە ‹‹ئەنگلىيەچە ئۇسلۇب يارىتىش مۇراسىمى›› غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ‹‹ئەنگلىيەچە ئۇسلۇب يارىتىش مۇراسىمى›› ‹‹ئادەتتىن تاشقىرى ئەنگلىيە›› پائالىيىتىنىڭ داۋامى ئىكەن. بۇ پائالىيەت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان ئېلىپ بارغان كۆلىمى ئەڭ زور بولغان خەلقئارالىق تىجارەت خاراكتېرلىك پائالىيەت ئىكەن، پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت ئەنگلىيەنىڭ ئىجادىي كەسىپلىرىدىكى ئەڭ مول ۋە سودا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەھسۇلاتلار ۋە يېڭىلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئەنگلىيەگە ساياھەتكە، ئوقۇشقا ۋە مەبلەغ سېلىشقا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز