باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئوكرائىنانىڭ شەرقى قىسىمىدىكى توقۇنۇش 6000 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېيىلدى

2015.03.03 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ 2- مارتتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئۆتكەن يىلى 4- ئايدىن بۇيان، ئاللىقاچان 6000 ئادەم ئوكرائىنانىڭ شەرقى قىسىمىدىكى توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتىب ياردەمچىسى ئىۋان سىمىنوۋېيچى 2- مارت، ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىك ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەر ئىشخانىسى ئوكرائىنانىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇيىل يانۋار، فېۋرالنىڭ بېششىدا، ئوكرائىنا توقۇنۇشى داۋاملىق كۈچىيىپ، شۇ يەردىكى خەلققە ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى، دېدى.گەرچە ئوكرائىنادىكى توقۇنىشۋاتقان ئىككى تەرپ ئاللىقاچان كۆپ تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى تۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەنكى بىر نەچچە ھەپتىدە، ئوكرائىنانىڭ شەرقى قىسىمى، بولۇپمۇ دۇننىيىستىك ئايروپورتى ئەتراپى ۋە جابالىسەيىۋو رايۇنىدىكى توقۇنۇش يەنىلا داۋاملىشۋاتىدۇ، نەچچە يۈز ئادەم تۇقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  دوكلاتتا، ئوكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپ ئېغىر قوراللارنى ئىشلەتتى، ھەمدە ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا بولغان بومباردىمان قىلىش سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى، دېيىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى زايىد ھۈسەيىن 2- مارت ئوكرائىنادا توقۇنۇشۋاتقان ئىككى تەرەپنى مىنىسكى كىلىشىمىگە رىئايە قىلىپ، بومباردىمان قىلىش قاتارلىق بارلىق دۈشمەنلىشىش ھەركىتىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر