باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«مېنىڭ زۇڭلىغا دەيدىغانلىرىم» سەھىپىسى خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلدى

2015.03.04 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ مەسئۇلى 3-مارت: «مېنىڭ زۇڭلىغا دەيدىغانلىرىم» سەھىپىسى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان تورداشلاردىن تاپشۇرۇپ ئالغان خەت 120مىڭ پارچىغا يەتتى، دېدى. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئەلرايىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش، قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 2014-يىلى 1-مارت «مېنىڭ زۇڭلىغا دەيدىغانلىرىم» سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. بۇ تورداشلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان پىكىر-تەكلىپىنى يەنىمۇ ئاڭلاشتىكى كۆزنەككە ئايلاندى.

  بۇ يىل 27-فېۋرالغىچە، بۇ سەھىپە 121مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەت تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈنۈملۈك قالدۇرۇلغان خەت 90مىڭ پارچە بولۇپ، مائارىپ، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، ئىجتىمائىي كاپالەت، قاتناش تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەر توغرىسىدا قالدۇرۇلغان خەت بىر قەدەر كۆپ، تورداشلار مائارىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى، خاتىرجەم غىزالىنىشنى، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ تېخىمۇ قولايلىق بولۇشىنى، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

  ھازىر تورداشلار قالدۇرغان خەتنى بېجىرىشكە قاتناشقان گوۋۇيۈەننىڭ 36 تارمىقى ۋە توققۇز ئۆلكە 235پارچە خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى بېجىردى، بىر قىسىملىرىغا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر