باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۇكرائىنادىن رۇسىيە تەرەپ تەتقىقات ئىشلىرىغا سالغان راسخوتىنى قايتۇرۇۋالماقچى

2015.03.04 10:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2-مارت، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئانتونوف ئايروپىلان ياساش شىركىتى بىلەن 70 تىرانسپورت ئايروپىلانىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش تۈرنىڭ ئىستىقبالى يوق، رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇكرائىنادىن رۇسىيە تەرەپ تەتقىقات ئىشلىرىغا سالغان راسخوتىنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئانتونوف ئايروپىلان ياساش شىركىتى 70 تىرانسپورت ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىشقا سالغان راسخوتىنىڭ %70 نى رۇسىيە ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ كۆپلىگەن سىستېمىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى رۇسىيە تەتقىقات ئورگىنى ۋە لايىھەلەش تارماقلىرى تەتقىق قىلغان. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قانۇنى يول ئارقىلىق، ئۇكرائىنادىن رۇسىيە تەرەپ ئانتونوف ئايروپىلان ياساش شىركىتىگە تاپشۇرغان تەتقىقات راسخوتى قايتۇرۇۋېلىش ۋە تىرانسپورت ئايروپىلاننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئويلاشماقتىكەن. نۆۋەتتە ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن ئانتونوف ئايروپىلان ياساش شىركىتى بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر