باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار تارقىتىلدى

2015.02.27 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-فېۋرال تېلېگراممىسى] رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى تارقاتتى. «قارار»دا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ھەققىدە قىلغان مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئارمىيەنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئارقىلىق ھەربىي قانۇن بويىچە باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئېتىقادى ۋە ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، پارتكومنىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلىشى، ئورەانلارنىڭ قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى، قىسىملارنىڭ قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشى، كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر