باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 4-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش تەربىيىلەش ماتېرىيالىغا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى

2015.02.28 17:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان 4-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش تەربىيىلەش ماتېرىيالىغا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك خەتىرى ، كۈتۈپ تۇرماسلىق روھى، تىنىم تاپماي ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيسە، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ھەقىقىي ئىشقا ئاشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كوممۇنىستلار ئۆگىنىشكە تايىنىش ئارقىلىق بۈگۈنگە كېلەلىدى.شۇنداقلا ئۆگىنىشكە تايىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشى مۇقەررەر. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بىلىمىنى تىزدىن يېڭىلاپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەنلىكىدىن ئادىشىش، چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن قارىسىغا ئىش قىلىش، چۈشەنمەي قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئاسارىتىدىن ساقلىنىپ، قابىلىيىتى يېتەرسىز بولۇش، قالاق بولۇش مەسىلىسىدىن تىرىشىپ ساقلىنىش لازىم.

  شى جىنپىڭ جايلار ۋە تارماقلاردىن كادىرلارنى بۇ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ئۆگىنىش ، ياخشى ئىشلىتىشكە تەشكىللەپ، كادىرلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش؛ بىلىملىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر