باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسكۋادا ئۆكتىچى گۇرۇھ رەھبىرى نېمزوفغا تەزىيە بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

2015.03.03 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موسكۋا ئاممىسى تۈنۈگۈن قەستكە ئۇچرىغان ئۆكتىچى گۇرۇھ رەھبىرى نېمزوفغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشنىڭ تەرتىپى بىر قەدەر تىنچ بولدى، توقۇنۇشۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.

  نېمزوف 27-فېۋرال كەچتە قىزىل مەيدانغا يېقىن ئەتراپتىكى بىر كۆۋرۈكتە كېتىۋاتقاندا سالاھىيىتى نامەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئىش تېرىغۇچىنى قانۇن ئارقىلىق جازالاش كېرەك دېدى. نېمزوف ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 يىللىرىدا رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان، 2012-يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى خەلق ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بولغان، 2013-يىلى سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا ياروسلاۋر ئوبلاستلىق دۇمانىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر