باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك وڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى

2015.03.03 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2014-يىلىنى ئەسلىسەك، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان تۇنجى يىل بولدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىق ۋە دىموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېمىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، دىققىتىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بىر يىلدا، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 تۈرلۈك نۇقتىلىق كېڭىشىش پائالىيىتى ۋە 88 تۈرلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلاھاتتىكى مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، دىققەتنى ئىسلاھاتقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتقا تەكلىپ پىكىر بېرىش، ئىسلاھات ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت خەلق تۇرمۇشىدىكى زور مەسىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر قاتار مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىجادىي، قاراتمىلىق نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئۈنۈملۈك پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا خەلق سىياسىي كېڭىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈستۈنلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى.

  دىموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە ھەرساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان شەكىل، يول ۋە سەھنىلەر ئارقىلىق كۈچىنىڭ بېرىچە خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مائارىپ پەن مەدەنىيەت سەھىيە تەنتەربىيە كومىتېتى جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەنخۇي، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس بايلىق مۇھىت كومىتېتى خېبېي، لياۋنىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئېچىش ۋە قوغداش ئەھۋالى»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى تەييارلىدى.

  ھازىر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ستراتېگىيەسى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى. ئىشىنىمىزكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى زور بولىدۇ، جەزمەن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر