باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ

2015.03.07 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتى بوشىتىلامدۇ يوق؟ 2015-يىلىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تەڭشەپ كونترول قىلىش تەپەككۇر يۆنىلىشى قانداق؟ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-مارت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇرالغۇ ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى تۇرىدىغان تۇرالغۇ ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى قوللايمىز. ئىككى يىغىندىكى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمدىلا ئېھتىياجلىق بولغان ۋە ئىككىنچى قېتىم ياخشىلاش مەقسىدىدە ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لۇ چۈنجې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئۆي مۈلۈكتە تەمىنات ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە ئۆزگرىش بولدى، دوكلاتتا تۇرالغۇ ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئېستېمال ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش دېگەن قىسىمغا قويۇلۇپتۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت ــ ساغلام ئۆي بازىرى يېتىلدۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرلغۇ ئىستېمالىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىىشىغا تۈرۈتكە بولىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇش.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەي جىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇرالغۇ ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ـ يۇقۇرى ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق تۇرالغۇ تەلىپىىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەيلى ئۆزى تۇرسۇن، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىسۇن ۋە ياكى راھەت كۆرسۇن، مەبلەغ سالسۇن بۇنداق ئېھتىياجنىڭ ھەممىسى ئۆي مۈلۈك بازىرىدا قاندۇرۇلۇشى كېرەك، ئەمما ھۆكۈمەت باج كىرىمى قاتالرىق ۋاستىلار ئارقىلىق، ئالي تۇرالغۇ ئىستېمالى، مەبلەغ سېلىش تىپىدىكى تۇرالغۇ ئىستېمالىنى تەڭشىشى بولۇپمۇ ھايانكەشلىك تىپىدىكى تۇرالغۇ ئىستېمالىنى توسۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر