باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

2015.03.08 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»دىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە رايون ئەۋزەللىكى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «ئالدىن يولغا قويۇپ ئالدىن سىناق قىلىش»تا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، «يادرولۇق رايون» قۇرۇلۇشىنى قانداق تېزلىتىش، «يادرولۇق رايون» يېڭى ۋەزىيىتىنى قانداق بارلىققا كەلتۈرۈش مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دىكى ۋەكىل ۋە ئەزالار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى.

  شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلىدى

  2014 - 26 - دېكابىر، گەنسۇ ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكىسى ۋە شىنجاڭنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول غەربكىچە ئۇزارتىلىپلا قالماي، يەنە چېگرا بويىدىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارىلىقمۇ قىسقارتىلدى، شۇنىڭ بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا يەنە بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.

  بۇ يىل 29 - يانۋار شىنجاڭ - گىرۇزىيە خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزى كۈيتۈن باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، ئالاتاۋ پورتىدا ئالماشتۇرۇپ قاچىلانغاندىن كېيىن، گىرۇزىيە پايتەختى تىبىلىسقا بىۋاسىتە باردى. بۇ لىنىيە مەملىكىتىمىزدىكى كارخانىلارغا ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن سودا يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى.

  12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە شىنجاڭ كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكاملىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شىنجاڭ «بەش مەركەز» قۇرۇلۇشى، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى كاپالىتى، ئىقتىساد ۋە سودىنى تۇتاشتۇرۇش، ئانتروپولوگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مۇھىم پىلانلارنى تۈزۈپ بولدى.

  شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاپ، ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. 2014 - يىلى شىنجاڭ قەشقەر - قورغاس ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى شۇنداقلا ئالاتاۋ پورتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. بۇ يىل يانۋاردا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قەشقەردە رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

  «بەش مەركەز» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ

  قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نىشانى، نۆۋەتتە بەش مەركەزنىڭ ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئېلزاد زادە مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، شۇنداقلا پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى، موڭغۇل تېبابىتى، قازاق ئەنئەنىۋى تېبابىتى ناھايىتى ياخشى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، بۇلار شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزىنى ئالدىن يولغا قويۇشقا ناھايىتى ياخشى ئاساس سالدى.

  ھازىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارالىق داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئىستىراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى پىلانلاپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىمۇ شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. بۇلتۇر مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى فۇ پۇيەن ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيادىكى يادرولۇق شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەردى. يېقىندا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى «شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى.مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بۇۋىھەجەھەر ئابلا شىنجاڭدا چېگرا رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، چېگرا بويى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق كۈچەش كېرەك

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى - تۆۋەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈلۈپ، غايەت زور قۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شى ۋېنخەي «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى غەربىي قىسىم ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، قەشقەرنى جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا - غەربىي ئاسىيا ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد توختى مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنى غەربتىن كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پىششىقلاپ ئىشلەپ شەرققە چىقىرىدىغان، شەرقتىن كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پىششىقلاپ ئىشلەپ غەربكە چىقىرىغان ئۆتەڭگە ئايلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەل كەسىپلىرى، بايلىق ئەۋزەللىكى، يەر ئاستى بايلىقى ئەۋزەللىكى، يەر ئۈستى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكى، قاتناش تۈگۈنىلىك ئەۋزەللىكى بار. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس سانائەت، يېزا ئىگىلىك، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا چوڭ سودا بازىرى قۇرالىشىدا گەپ يوق. ئاپتونوم رايونىمىز ناھايىتى چوڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇرەككەپ قۇرۇلۇش، بۇ قۇرۇلۇشنى روياپقا چىقىرىش ئاسان ئەمەس. شۇڭا ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇنداق بىر تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل پىلان تۈزۈشى، كۆپچىلىكمۇ بۇنىڭغا ئورتاق كۈچىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر