باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يۆلەش ھەر كىمنىڭ ئۆز مەيلىچە، كىچىك دائىرىدە بولماسلىقى كېرەك»

- خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مىللىي رايونلاردا قانداق قىلغاندا توغرا، ئۈنۈملۈك يۆلىگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى

2015.03.08 18:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىققاندا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئانچە تەرەققىي تاپمىغان مىللىي رايونلارنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نوپۇسى نىسبەتەن ئاز مىللەتلەرنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر تونۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر مىللەتنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قانداق قىلغاندا توغرا، ئۈنۈملۈك يۆلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلغاندا، ۋەكىللەر قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن جۇڭگو تاماكىسى سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ شاۋمىڭ مۇنداق دېدى: «يۆلەش جەھەتتە، بىز ھەر يىلى ئاجرىتىۋاتقان پۇل خېلى كۆپ، لېكىن چېچىلاڭغۇ، دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسەت يۈرۈشتۈرۈلمىسە، يۆلەش ئۈنۈمى بولسىمۇ، لېكىن ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ».

  جۇ شاۋمىڭنىڭ سۆزى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىسى چۈشيۇڭ ئوبلاستىنىڭ باشلىقى لى خۇڭمىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. «ھازىر بىزنىڭ يۆلەش ئەھۋالىمىز يەنىلا كىچىك دائىرىدە بولۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك كۈچلەر تەرتىپكە سېلىنمىدى. مەسىلەن، بىر تۈرگە قارىتا، تاماكا كارخانىلىرى ٪50 مەبلەغ چىقارغان بولسا، ئالاقىدار تارماقلار سەن بەردىڭ، مەن بەرمەيمەن، دەيدۇ. نىمە ئۈچۈن بىرگە بىرنى قوشساق ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ، قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ».

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى يەن يۇجىڭ مۇنداق دېدى: «يۆلەش مەبلىغى مەركەزلىك ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋالىغا ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرقا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالتە يىل قالدى، ئەگەر ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋەزىپىسى قانداق تاماملىنىدۇ؟». ئۇنىڭ قارىشىچە، يۆلەشكە قارىتا، بىر تۇتاش پىلانلاش بولۇش، مەسىلەن: نامرات رايونلار بۇ يىل قايسى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ قانداق چوڭ تۈرلەر بار؟ قايسى تارماقلار قانچە پۇل ئاجرىتىپ ئىشلەيدۇ؟ دېگەنلەرنى ئالدىنئالا پىلانلاش كېرەك.

  جۇ شاۋمىڭ مۇنداق دېدى:«يۈننەننىڭ يۆلەش مۈشكۈل ۋەزىپىسى ئېغىر، مەبلەغنى دەل جايىدا ئىشلىتىش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلارنى ياخشى بىجىرىش كېرەك»، «مەن ھەممە مىللەتنى يۆلەش تەكلىپىنى بېرىمەن، بىر مىللەتنى تاللاپ مەركەزلىك يۆلەش ئىلىپ بېرىلسا، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر