باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2015.03.07 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ يىل ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، غەيرەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ گاۋلى تيەنجىننىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى جەريانىدا ئۆز تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا باشلامچىغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانىدا يول ئاچقۇچى بولۇپ، گۈزەل تيەنجىن قۇرۇشتا تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر