باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز سانائەت ساھەسىدە كۆمۈردىن پاكىز، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويىدۇ

2015.03.07 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 6-مارت بىرلىشىپ سىرتقا« سانائەت ساھەسىدە كۆمۈردىن پاكىز، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلدى، پىلانغا ئاساسەن 2020-يىلىغا بارغاندا كۆمۈر سەرپىياتى 160 مىليون توننىدىن ئارتۇق تېجىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرى پەيدا قىلىش ۋە قويۇپ بېرىش ئازايتىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ئېلىمىزدە كۆمۈر ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى قۇرۇلمىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىش قىيىن، بۇ ئاتموسفېرا، مۇھىت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل، مەملىكەت بويىچە قويۇپ بېرىلگەن ئىس، توزاننىڭ %70ئى، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدنىڭ %85ئى، نىتروگېن ئوكسىدىنىڭ %67ئى كۆمۈر ئاساس قىلىنغان قاتما ئېنېرگيەنى كۆيدۈرۈشتىن كەلگەن.

  سانائەتتە كۆمۈردىن پاكىز، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېزلىتىش سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگرى سۈرۈش، ئاتموسفېرا بۇلغۇمىسى پەيدا قىلىش ۋە قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، ئاتموسفېرا ۋە مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر