باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015–يىللىق ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى

2015.03.09 13:47         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى:

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئىسلاھات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش.

  بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانلىرى

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنى %7 چامىسىدا ئاشۇرۇشنى كۆزلىمە نىشان قىلىشتا ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى تەڭ ئويلاشتۇق، بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن جىپسىلاشقان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە، شۇنداقلا تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بىز مۇشۇنداق سۈرئەت بىلەن خېلى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى ساقلاپ قالساق، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساسقا ئىگە بولىمىز. مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇلازىمەتچىلىك سالمىقىنىڭ ئېشىشى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، %7 چامىسىدىكى تېزلىك ئارقىلىق خېلى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ئوبدان ئىگىلەيمىز

  بىرىنچى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

  ئىككىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايمىز.

  ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە بەرپا قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر