باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۈرلۈك ئاممىۋىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بەس- بەستە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى

2015.03.06 13:26         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5- مارت- يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەنلىكىنىڭ 52 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا 16- قېتىملىق پىدائىيلار كۈنى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۈرلۈك ئاممىۋىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بەس- بەستە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  5- مارت ئەتىگەندىلا پۈتى يارىلانغان ۋاڭ لىجى بىر جۇپ ھاسىسىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تيەنجىن يولى ئېغىزىدا تاكسى كىرا قىلىپ، ئىشقا بارماقچى بولۇپ تۇرغاندا «لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ، يولۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيمىز» دەپ خەت چاپلانغان بىر ئاپتوموبىل ۋاڭ لىجىنىڭ يېنىدا توختىدى. بۇنىڭدىن ۋاڭ لىجى قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بۈگۈن مەن ئويلاپ باقمىغان بۇ ئىشتىن بەك خۇش بولدۇم. مەن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنكەنمەن بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولۇمنى سۇنىمەن.

  لېي فېڭدىن ئۆگىنىش كۈنىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى 45 تاكسىنى ھەقسىز يولۇچى توشۇشقا تەشكىللەپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم ئاپتوموبىللارنى ئاجرىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يالەن ياشانغانلار ساناتورىيىسى، گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، ياشانغانلارغا يۈەنشياۋ ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ پانۇس بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  ئالتاي شەھەرلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئۆيى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئىئانە قىلغان كىيىم- كېچەك ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى قويۇپ قويۇپ، ئېھتىياجى بار تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق ياراتتى. ئالتاي شەھەرلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چى خەيجۈن مۇنداق دېدى:- پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلىشتۇق.

  مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى مەكتەپتىلا قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يەنە كارخانىلارمۇ بۇ پائالىيەتكە پائال قاتناشتى. 5- مارت ئەتىگەندىلا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇروھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ 150 پىدائىيسى كۇچا ناھىيەسى ئۇزۇن بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى سومكا قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر پىدائىينىڭ ھەر ئايدا ئىش ھەققىدىن 100 يۈەن ئاجرىتىپ ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەردى. ياردەمگە ئېرىشكەن ئۇزۇن بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى رازىيە مۇنداق دېدى:- مەن بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پىدائىي بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر