باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2015.03.07 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېدى: تۆت ئومۇميۈزلۈكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تارىخىي سەپىرىدە، قەلبىمىزنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەپ، كۈچىمىزنى بىر يەرگە جۇغلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىمىز.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ مۇھىتقا دۇچ كەلدى، لېكىن ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىگەن، ئۇ-پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان-تەرىنى مۇجەسسەملىگەن.

  بۇ بىر يىلدا، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى توغرا ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ بۇلتۇر 246 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلغانلىقى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ لېكتورى ۋېي جى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقى زور بولدى، بۇ جەھەتتە بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز دېدى.

  ھۆكۈمەت بازار سۇبيېكتىنى بوشىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، شىزاڭ زاڭچۈەن ئوقەتچىلىك چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مىن رۇجياڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى بىلەن بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىدىكى توساقلار تۈگىتىلدى، كارخانىلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بۇ يىل يەنە كارخانىلارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشىتىپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز بۇنىڭدىن بەك ئىلھام ئالدۇق.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى يۈلىن شەھىرى يۈدوڭ يېڭى رايونى ماۋلىن بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ شياۋبو يېزا ساھەسىدىكى ئىسلاھاتقا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكە تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن خۇرسەن بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىپ كىنىشكە تارقىتىش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور. كىچىككىنە كىنىشكە-كۆلەملىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.

  نامراتلىق كۆلىمى كەڭ، نامرات نوپۇس كۆپ بولغان گۈيجۇ ئۆلكىسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىر ۋە ئاممىسى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قانچە چوڭ بولسىمۇ، بۇ يىل يەنىلا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇستىن ئون مىليوندىن كۆپرەكنى ئازايتىش نىشانىدىن روھلاندى. گۈيجۇ ئۆلكىسى چيەندوڭنەن مياۋزۇ، دوڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىنپىڭ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لوڭ لىنجاۋ مۇنداق دېدى: بىز مەركەزنىڭ كۈچلۈك قوللىشى شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ تېرىشچانلىقى ئارقىلىق، چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىمىزنى تېزلىتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.

  ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ئامما يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلەندى، شەندۇڭ ئۆلكىسى نىڭياڭ ناھىيەسى خېشەن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جى ۋېيجيەن بۇنىڭدىن بەك ھاياجانلاندى. چاغان ئۆتۈپ كېتىشىگىلا، خېشەن يېزىسى باھار شامىلى ئىگىلىك تىكلەش تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى باشلاپ، ئىگىلىك تىكلەشتىن دوكلات بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش چولپانلىرىنى باھالاش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىنى قوزغىدى. جى ۋېيجيەن ئامما ئىگىلىك تىكلىگەندىلا، ئاندىن يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر