باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلدى

2015.03.09 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «3-مارت» خەلقئارا خەنىم قىزلار بايرىمى ۋە بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىللىقىنى خاتېرىلەش ئۈچۈن، ب د ت چوڭ يىغىنى 6-مارت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.

  ب د ت باش كاتىپى بان كېمون سۆزىدە، 20 يىل بۇرۇنقى «بېيجىڭ خىتابنامىسى»دە ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىجىل كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دەپ كۆرسىتىلگەن. 20 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، تەرەققىيات يەنىلا ئاستا ھەم تەكشىسىز. ئاياللار ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش، ئىقتىسادىي كىرىم ۋە مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئەرلەردىن خېلىلا كېيىن تۇرماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقى جەھەتتە پەرقنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىشى ھەمدە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بېكىتىش لازىم، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر