باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى: بۇ يىل دوكلاتتا قىزىق نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ

2015.03.07 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نىڭ جىجې ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا ئىزاھات بېرىپ: بۇ يىل دوكلاتتا قىزىق نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، دېدى.

  نىڭ جىجې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى؛ بۇ يىل زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنىڭ شەكلى، رامكا قۇرۇلمىسى ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆرىنەرلىك پەرقلىنىدۇ، ئۆتكەن يىلى دوكلات ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن ئىدى، بۇ يىل ئالتە قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى تۆت قىسىم بويىچە مەخسۇس سۆزلەندى.

  نىڭ جىجې تەپسىلىي ئىزاھلاپ: شەكلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دېدى.

  بۇ يىل دوكلاتتا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، ئالتە نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى، بەش چوڭ ئېچىۋېتىش ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. دوكلاتتا ئاھالىلارنىڭ ئىستىمالى، ئاممىۋىي ئىشلارغا مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، رايون تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەخسۇس سۆزلىنىپ، مەزمۇنى ئەتراپلىق بولدى.

  خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئاسراش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ۋەزىپىلەر كونكىرېت ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «تۆتتە چىڭ تۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇلار- ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئىجادىي باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش؛ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىپ، ئىقتىسادچىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىكنى تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش.

  نىڭ جىجې تونۇشتۇرۇپ: بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا «تۇنجى قېتىم» دېگەن سۆز خېلى كۆپ تىلغا ئېلىندى، دېدى.

  ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىدا، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانى ۋە خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت ئاسراش نىشانى تۇنجى قېتىم تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاھالىلارنىڭ كىرىمى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3.1 تىن كۆپرەك چۈشۈرۈشتەك ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى مىقدارلاشتۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەسىلەن، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا دىتسىز ئەمەلدارلار خىزمەتتە ھورۇنلۇق قىلىشنى تۈزەش مەزمۇنى تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلدى. ھازىر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى قىسمەن خادىملار قالايمىقان ئىش قىلىۋاتىدۇ، بەزى چىرىكلىك مەسىلىلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بەزى كىشىلەر ئەمەلگە لايىق ئىش قىلمايدىغان، بىجىرىشكە تىگىشلىك ئىشلارنى بىجىرمەيدىغان بولۇپ كەتتى.

  خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشمۇ بۇ يىل دوكلاتتىكى قىزىق نۇقتا بولدى. ئامما مۇھىتنىڭ پاكىزە، گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇھىت بۇلغانسا خەلق تۇرمۇشىغا بالايى ئاپەت كەلتۈرىدۇ، بۇ خەلقنىڭ باش ئاغرىقى، بۇنى چۇقۇم قاتتىق تۈزەش كېرەك. دوكلاتتا مۇھىت ئاسراش قاتتىق تەكىتلەندى ھەمدە بەزى مىقدارلاشقان كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچلەر خەلق ئاممىسىغا قىلغان ۋەدە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىرادىسىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر