باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادىل، مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى توغرىسىدا

2015.03.08 17:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 7-مارت ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يېقىندا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىمتىھان نومۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش، ئانا تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكىنى تەڭشەش، «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق يەتتە خىل يېڭى ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:

  بىرىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ. 2015-يىلىدىن باشلاپ نومۇرى(ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئالغان نومۇرى)، رەت تەرتىپى(ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە رەت تەرتىپى)، نومۇر چېكى(ھەر خىل تىلدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ تۈركۈملەر بويىچە ئېلان قىلىنغان نومۇر چېكى) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ.

  ئىككىنچى، تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈمدە ئارزۇ تولدۇرغاندا تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ. 2015-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈمدە تامامەن تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، يەنى، بىر ئارزۇ تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى قىلىنىپ، ئالتە تەڭداش مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، تولۇق كۇرۇس بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈمدە ئارزۇ تولدۇرۇش قۇرۇلمىسى تەڭشىلىدۇ. ئاپتونوم رايون 2015-يىلىدىن باشلاپ تولۇق كۇرۇس بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈمدە ئارزۇ تولدۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى، تولۇق كۇرۇس بىرىنچى تۈركۈم بىلەن ئىككىنچى تۈركۈمدە ئوخشاشلا بىر ئارزۇ تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى قىلىنىپ، يەتتە تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ.

  تۆتىنچى، نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپ چىقىرىش تەرتىپى تەڭشىلىدۇ. نامرات رايونلاردىكى خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تولۇق كۇرۇس بىرىنچى تۈركۈمى پىلانىغا تولۇق كۇرۇسنىڭ نۆلىنچى تۈركۈمىدىن كېيىن، بىرىنچى تۈركۈمنىڭ ئالدىدا ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى تۈركۈمنىڭ پىلانىغا تولۇق كۇرۇس بىرىنچى تۈركۈمى پىلانىدىن كېيىن، تولۇق كۇرۇس ئىككىنچى تۈركۈمى پىلانىدىن بۇرۇن ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئانا تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، «قوش تىل» سىنىپىدا ئوقۇغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تولۇق كۇرۇس تۈركۈمى پىلانىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرگە ئادەتتىكى تولۇق كۇرۇس تۈركۈمىدىن كېيىن ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، بىرىنچى تۈركۈم بىلەن ئىككىنچى تۈركۈمدە ئوخشاشلا ئىككى مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ.

  بەشىنچى، ئانا تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان نومۇر چېكى تەڭشىلىدۇ. 2015-يىلىدىن باشلاپ ئانا تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرۇس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىشتا ماتېماتىكا نومۇر چېكى بېكىتىپ بېرىلمەيدۇ، قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش نىشانىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا نومۇر بېكىتسە بولىدۇ.

  ئالتىنچى، «قوش تىل» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان ۋاقتى تەڭشىلىدۇ. ئاپتونوم رايون 2015-يىللىق «قوش تىل» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى(ئاپتونوم رايون ئۆزى ئىمتىھان سوئالى چىقىرىدۇ، نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسىگە قوشۇلمايدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىدۇ)نىڭ ۋاقتى 9-ئىيۇن 15:00-17:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)دىن، 9-ئىيۇن 9:00دىن11:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)گە تەڭشىلىدۇ.

  يەتتىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان تۈرلەر قىسقارتىلىدۇ ياكى قىلىپلاشتۇرۇلىدۇ. 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى) ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى 3-لىككە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار، مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى(مەملىكەتلىك-ياشلار ئۆسمۈرلەر بىئولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، «كەلگۈسىدىكى كىچىك ئالىم» مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توردا لايىھىلەش پائالىيىتى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە ئالدىنقى 2-لىككە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ، 2015-يىلى 1-ئايدىن بۇرۇن ئېرىشكەن بولسا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، لېكىن قوشۇلغان نومۇر بەش نومۇردىن ئاشمايدۇ؛ «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى» قاتارلىق بەش تۈردىكىلەرگە داۋاملىق نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، يەنى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى، نوپۇسى تەيۋەندە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ھەربىي قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە 10 نومۇر، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەن، سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلارغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ خەنزۇتىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان، خەنزۇ تىلى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق 11 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىككى خىل نومۇر قوشۇلىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئىككىلا تەرەپ ئاز سانلىق مىللەت بولسا 50 نومۇر، بىر تەرەپ ئاز سانلىق مىللەت بولسا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر