باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى

2015.03.08 17:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جايلار يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كونا ھېساباتنى قايتۇرۇش يېڭى ھېساباتنى نېسى قالدۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئوڭشاش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم مۇھىت ئاسراشتا ئۈلگىلىك شەھەرلەر، ئېكولوگىيە يېزا ئىگىلىكى،مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە سۇ تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلغار تىپلار مەيدانغا كېلىپ، كىشىلەرگە كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بولۇشتەك گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇردى. تاڭزۇڭزا بايرىمى ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شاڭياۋ ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى زوۋ خېخۈي تاغقا چىقىپ كۆچەت قويۇلغان تۇپراقنى بوشىتىش، دەرەخ شاخلىرىنى كېسىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئورمانلىق ئىلگىرى ھاك تېشى مەيدانى ئىدى، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئەنخۇي ئۆلكىسى كۆمۈر كانى بولمىغان تاغلاردا يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ھازىر يېشىل تاغ سۈزۈك سۇ ئەسلىدىكى ھاك تېشى زاۋۇتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، كۆچەت تىكىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلدى. ئېكولوگىيىنى قوغداشتا كۆك ئاسمان سۈزۈك سۇ ، يېشىل تاغنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى 74 ناھىيە ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭ بىلەن سۇ ۋە ھاۋا سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئالىي ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پىڭسو مۇنداق دېدى: شىزاڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاشۇرمايدۇ، شىزاڭدا مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان، كېرەكسىز گازنى كۆپ قويۇپ بېرىدىغان كارخانا ئاساسىي جەھەتتىن يوق. بۇ چەكنى چوقۇم ساقلىشىمىز لازىم. شىزاڭنىڭ بارلىق سۇ مەنبەسى ھازىرغىچە ئىنتايىن پاكىز. شۇڭا شىزاڭ سۇنى تونۇشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىچىدۇ. نەنجىڭ شەھىرى ئۆتكەن يىلى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەھەر خەلقىنى كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ گۈزەللىكىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى،نەنجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى مىيۇ رۈيلىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، مۇھىتنى بۇلغايدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلارنى كۆچۈرۈپ تۈزەپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش تەننەرخىنى كېمەيتىپ، كۆك ئاسمانلىق كۈننى كۆپەيىتتۇق.

  جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنىڭ ئوتتۇرا لىنىيىسىدىكى مەركىزىي سۇ مەنبەسى رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى ھەر بىر تۈرلۈك خىزمىتىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، كۆچۈرۈلگەن خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسىي لىنىيىنى چۆرىدىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىيەن شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيگو مۇنداق دېدى: ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىش يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،كۆچمەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەش. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى شىمالىي جۇڭگونىڭ ئىچىملىك سۈيىگە ئايلىنىپ، بىزنىڭ ئېكولوگىيە ھاياتلىق يىلتىزىمىزنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈزۈك سۇمۇ بىزنىڭ ئالتۇن ماركىمىز. بىز سۇنى ئوبدان يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سۇنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يېمەكلىك ئىچىملىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ يېشىل تەرەققىياتنى ئېكولوگىيىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر