باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

2015.03.08 17:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ھالىتىنى قانداق تونۇش كېرەك؟ كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچى قەيەردە؟ ئېشىش بوشلۇقى يەنە قانچىلىك؟ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىققاندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزالىرى يېڭى تۇراقلىق ھالەتنى چۆرىدىگەن ھالدا يېڭى ئەھۋاللارنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى، يېڭى ئۈمىد توغرىسىدا ئازادە پاراڭلاشتى.

  2014-يىلى شەرقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئارقىدا قالدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال ئىقتىسادىغا بولغان دىققىتىنى قوزغىدى. كونا سانائەت بازا رايونلىرى نېمە بولدى؟

  ئىككى يىغىنغا قاتنشىشتىن ئىلگىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چاڭچۈن شىندا نېفىت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ گۈيفىڭ ئىلگىرى بىر قىسىم پۇقراۋى كارخانىچىلارنى شەرقى شىمالنىڭ ئىقتىسادى ھالىتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلغانىدى. كۆپچىلىك كارخانىلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن تېپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىرىسى ئۈستىدە كۆپرەك توختالدى. دوكلاتنى قاراپ چىققاندا ليۇ گۈيفىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا قېيىنچىلىق ۋە خىرس ئويلىغىنىمىزدىن چوڭ بولدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆتكەن يىلقى ئىقتىسادى تەرەققىيات ھالىتى نامايەن قىلىنپتۇ. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئوڭاي ئەمەس. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن شۇنداقلا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى چېڭتتى.

  مۇقىم ئېىشىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش-بىر-بىرگە ماسلاشقان ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ھەرىكەتلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاش، ھەم يەنە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقرىىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن ئېنېرگىيە شەھىرى ئوردۇسقا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئۆتكەن يىلى ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەش ئارقىلىق، ئاخىر مۇرەككەپ كەسكىن ماكرولۇق ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە پۈتكۇل ئىقتىسادنى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئوردۇس شەھىرىنىڭ باشلىقى ليەن سۇ مۇنداق دېدى: بايلىق تىپىدىكى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدە كۆلەم سۈرئەت تىپىدىكى يىرىك ئېشىشتىن سۈپەت ئۈنۈم تىپىدىكى تۈجۈبىلەپ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، چوقۇم مەۋقەنى كەسىپ ئاساسى ۋە بايلىق ئىقتىدارىغا قارىتىپ، بايلىقنى چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان يولدا مېڭىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر