باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2015.03.08 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 105 يىللىقى. ئاپتونوم رايون 6 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «مەن قىلالايمەن» دېگەن تېمىدا تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، «8 - مارت» قىزىلبايراقدار ئۈلگىسى شەرىپىگە، «8 - مارت» قىزىلبايراقدارى شەرىپىگە ئېرىشكەن ئاياللارنى تەقدىرلىدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، ھۆرىگۈل جاپپار، رىزۋان ئەبەي قاتارلىقلار قاتناشتى.

  تەقدىرلەش يىغىنىدا جاڭ جىن قاتارلىق ئون ئايال ئاپتونوم رايون بويىچە «8 - مارت» قىزىلبايراقدار ئۈلگىسى شەرىپىگە، زەرىپە تۇرغۇن قاتارلىق 100 ئايال ئاپتونوم رايون بويىچە «8 - مارت» قىزىلبايراقدارى شەرىپىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى بەيگە مەيدانى داۋان جەنۇبىي مەھەللىسى قاتارلىق 40 ئورۇن ئاپتونوم رايون بويىچە «8 - مارت» قىزىلبايراقدارلار كوللېكتىپى شەرىپىگە ئېرىشتى.

  تەقدىرلەش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر مىللەت ئاياللاردىن بايراملىق ھال سورىدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللار تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇپ، ئېسىل ئەنئەنىگە، گۈزەل ئەخلاققا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئاياللارنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.

  تەقدىرلەش يىغىنىدىن كېيىن ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان ئايال كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر