باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا جۇڭ بىڭلىن: ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالسا بولىدۇ

2015.03.05 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتى بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار مۇزاكىرىلىشىدىغان قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى سۇسلاشتۇردى» دېگەن تالاش-تارتىشقا قارىتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭ بىڭلىن مۇنداق دېدى: ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك، ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئەگىشىپ، بىر ئوقۇغۇچى بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.

  جۇڭ بىڭلىن مۇنداق دېدى: ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «كۆپ مەنبەلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئۇنىۋېرسال باھالاش» مېخانىزمىنىڭ بىر بۆلىكى، داۋاملىق سىناق قىلىش ۋە ئىزدىنىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچى بىلەن مەكتەپ ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك تاللاشنى كۆپەيتىدۇ، بۇ جەھەتتىن ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشگە شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ئىمتىھان ئىسلاھاتى ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدۇ، يۆنىلىش توغرا بولغانىكەن قورقماي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  جۇڭ بىڭلىن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «كەسىپ بىلەن مەكتەپ بىرلەشكەن» ئۇسۇلدا ئىمتىھانغا تىزىملىتىشى ئەمەلگە ئېشىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، بۇ چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا «بىر ئوقۇغۇچى بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىش» ئەھۋالىنىڭمۇ جۇڭگودا يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر