باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» دىكى ئاز سانلىق مىللەت دوستلىرى(5)

2015.03.09 15:16   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» دىكى ئاز سانلىق مىللەت دوستلىرى(5)

  بەيزۇ مىللىتىدىن بولغان دوستى لى چاڭدې، ما ۋېيلياڭ

  شى جىنپىڭ 2015-يىلى 20-يانۋار يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دالى شەھىرى ۋەنچياۋ بازىرى گۇشېڭ كەنتىگە باردى. گۇشېڭ كەنتى تاغ باغرى ۋە سۇ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى لى چاڭدېنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، نەقىشلىك چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيى، رەتلىك پاكىز تازىلانغان ھويلا-ئاراملىرى، ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلىرى، تۆت ئەۋلاد يەتتە جاننىڭ بىر ئائىلىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدى ۋە مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئازادە ۋە بىر خىل قەدىمىي پۇراققا ئىگىكەن، بۇنداق ئۆيلەر غەربچە ئۆيلەردىن ياخشى بولىدۇ، يېزىنى دائىم ئەسلەپ تۇرغىلى بولىدۇ.

  شىن جىنپىڭ ھويلىدا يۇرتداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم دالىغا كېلىشىم، كىچىكىمدىنلا ساڭشەن ئېرخەي كۆلىگە كېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارغا ئىنتايىن ھەۋەس قىلدىم ۋە ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ.» دېدى. ئۇ كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى تاپىلىدى: يۈننەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى، ئۇنى چوقۇم قەدىرلەش كېرەك، بىزنىڭ قولىمىزدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ 2015-يىلى 20-يانۋار يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا بەيزۇ مىللىتىدىن بولغان كارخانىچى ما ۋېيلياڭ قۇرغان يۈننەن «لىفەن جۈنما» ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىگە باردى.

  كارخانىنىڭ قىسقىغىنە 10 نەچچە يىل ئىچىدىلا ھەر خىل يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغانلىقى، ئېلېكتىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا بازار تاپقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ رىقابىتى كۈچلۈك، كېيىنكى قەدەمدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بازارغا، تەرەققىياتقا ئىگە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…
      ·ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
      ·ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارن…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى