ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان دوستى ئابدۇقىيۇم روزى
شى جىنپىڭ 2014-يىلى 28-ئاپرېل شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كادىرلار، ئاممىدىن ھال سوراپ، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقىيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە باردى. شى جىنپىڭنىڭ كېلىشى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تولىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى. خۇشاللىقى قىن-قىنىغا پاتماي كەتكەن ئابدۇقىيۇم ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمان كۈتۈۋېلىشتىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە شى جىنپىڭغا بادام دوپپا كىيگۈزۈپ قويدى. شى جىنپىڭ ياتاق ئۆي، ئاشخانا، قوتان، مېۋىلىك باغ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقىپ پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
شى جىنپىڭ قورودا يېزا، كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشتى. ئابدۇقىيۇمنىڭ دادىسى روزى كەنتنىڭ پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئىنتايىن كۆپ، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بار، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار. يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىمۇ ئىنتايىن كۆپ، سورتلۇق ئۇرۇق ياردەم پۇلى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ياردەم پۇلى قاتارلىقلار بار. بېرىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ كۆپلىكىدىن ئون قولۇم بىلەنمۇ ساناپ تۈگىتەلمەيمەن....
شى جىنپىڭ ئابدۇقىيۇمغا مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىڭلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. بۇ يەرگە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزدىمۇ-يوق، رولىنى جارى قىلدۇردىمۇ-يوق شۇنى تەكشۈرگىلى كەلدىم. ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا لايىق ئىش قىلىش پارتىيىمىزنىڭ كۈرەش نىشانى. تۇرمۇشىڭلارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسەت مەدىتىدە تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.