باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ: تېرىلغۇنى مۈشۈكئېيىقنى قوغدىغاندەك قوغداش كېرەك

2015.03.09 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تېرىلغۇنى قوغداش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىمىز، تېرىلغۇنى مۈشۈكئېيىقنى قوغدىغاندەك قوغدىشىمىز لازىم» دېدى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ 8- مارت خەلق سارىيىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا. «دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى يېزا ئىگلىك مىنىستىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر تۈرلۈك خىزمەتنى قانات يايدۇردى، ئۇ بولسىمۇ تېرىلغۇنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئاساسىي ئېتىز قىلىپ بېكىتىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش». جياڭ دامىڭ «ئاساسىي ئېتىزنى بېكىتىش چوڭ شەھەردىن كىچىك شەھەرگە، شەھەر-بازارلار ئەتراپىدىن كەڭ يېزىلارغا بولغان چوڭدىن كىچىككە، يېقىندىن يىراققا قاراپ بېكىتىش پىرىنسىپى بويىچە قانات يايدۇرىلىدۇ»دېدى.

  جياڭ دامىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي ئېتىزنى بېكىتىش خىزمىتىدە شەھەر ئەتراپىدىكى تېرىلغۇنى بېكىتىش مۇھىم ھالقا. «شەھەر قۇرۇلۇشى تېرىلغۇنى ئىگىلىۋالىدۇ، كۆپ يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن شەھەر ئەتراپىدىكى ئۈنۈملۈك تېرىلغۇلار تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا مۇھتاج». جياڭ دامىڭ مۇنداق دېدى: مەڭگۈلۈك ئاساسى ئېتىز بېكىتىلسىلا، قانۇندا بەلگىلىگەن قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ. شەھەر-بازارلارنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان بېكىتىلگەن ئاساسىي ئېتىزدىن ھالقىپ، ھەمراھ شەكىلدىكى تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك» دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر