باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى يارقىن نۇقتىلار

2015.03.10 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ 8-مارت بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، نۆۋەتتە جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىلىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىنىڭ بىر قانچە مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىدا، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا دۆلەت قانۇنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ۋەكىللەر ھوقۇققا چەكلىمە قويۇش بىلەن نازارەتتىن ئىبارەت بۇ يادرونى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، نۆۋەتتىكى چېرىكلىك ھادىسىلىرى كۆپ، ئاسان يۈز بېرىشنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق دەلىللەپ، بىرسى پىشىپ يېتىلسە بىرنى چىقىرىپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان نىزام تۈزۈمى سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى.

  دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىدا، بۇندىن كېيىنكى بىر يىلدا، ئېكولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنىغا داۋاملىق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى باۋ جىڭلىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش-مۇھىت ئاسراش قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت گەۋدىلىنىشى، لېكىن قانۇننى تېخىمۇ نوپۇزغا ئىگە قىلىش شۇنداقلا قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق ئەدىپىنى بېرىش كېرەك.

  ۋەكىل ليۇ ۋېنشىن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەشتە، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش، ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، تېخىمۇ بۆسۈش ياساش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ مۇھىم ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: مالىيە خامچوت، نەقچوتىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش-خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزلەرنى دائىم ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر