باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ئىككى يىغىن كەيپىياتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى

2015.03.10 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر يىغىن تاماق ئۈستىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مىسال قىلىپ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ، بۇرۇن بەزى ۋەكىللەر چۈشكەن مېھمانخانىدا كەچلىك تاماق يېمەيتتى، ھازىر ئاساسەن ھەممىسى چۈشكەن مېھمانخانىدا تاماق يەيدىغان بولدى، تاللا تاماق تەخسىلىرىمۇ قۇرۇقدىلىدىغان بولدى، دېدى. باش شۇجى يۇمۇرلۇق قىلىپ «قارىغاندا داۋالاش ئۈنۈم بەرگەن ئوخشايدۇ» دېۋىدى يىغىن مەيدانىنى كۈلكە ساداسى قاپلىدى.

  مىكروبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر يىغىننىڭ ئاددا-ساددا، ئەمەلىي كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەچكە، چوڭ تور بېكەتلىرى بەس-بەستە ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  ئەمەلىيەتتە تەپسىلىي كۆزەتكەن كىشىلەر يىغىننىڭ نۇرغۇن ئاددى-ساددا ئالامەتلىرىنى بايقىيالايدۇ. 2-مارت، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تىزىمغا ئالدۇرغاندا، بەزى ئەزالار ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامى پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىنغانلىقىنى بايقىدى. يەنە بەزى ئەزالار ياتاقتىكى چوڭ مېۋە سېۋىتىنىڭ كىچىك تەخسىگە ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى. ئەزالار چۈشكەن بەزى مېھمانخانىلار بىر قېتىملىق بۇيۇملارنىڭ خورىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، سوپۇن پاراشوكى بىلەن تەمىنلىدى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ 2013-يىللىق دوكتور ئاسپرانتى جياڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ئاددى-ساددا، ئەمەلىي بولۇش ئىستىلى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپتۇ. بۇ يىللىق ئىككى يىغىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدىن كۆرىشىمىزچە، يىغىندا بوتۇلكىلىق سۇلار قايناقسۇغا ئۆزگەرتىلىپتۇ.

  فۇجۇ شەھىرى ئاھالىسى شۈ ياڭپىڭ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغىلى ئۈچ يىل بولدى، پۇقرالار يىغىندا گۈل تىزىلمىغانلىقى، قىزىل گىلەم سېلىنمىغانلىقى، شار قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى قاتارلىق تېجەشچانلىق كەيپىياتىغا كۆنۈپ كەتتى، تېجەشچانلىق ئىستىلى كىشىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئادەتكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر