باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش 3-يىغىنى 4116 تەكلىپنى قاراپ چىقتى

2015.03.11 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 9-مارت سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئۇقۇشىچە، 9-مارت سائەت سەككىزگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپلەرنىڭ 4116 سىنى تەكشۈرۈپ تۈر تۇرغۇزغان، ھازىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قالغان تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 7-مارت سائەت 14 كىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا 5857 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق يىغىن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمىي تەكلىپنىڭ نىسبىتى سەل كۆپەيگەن. بۇ يىللىق تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى-ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر