باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھوقۇقنى ئىختىيارىي يۈرگۈزۈشنى تىزگىنلەپ، قانۇن-بەلگىلىمىنىڭ چېكىنى ساقلاش كېرەك

2015.03.11 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇن چىقىرىش قانۇنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قانۇن. قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش-قانۇننى تۈزگەندىلا يېڭى قېلىپ ۋە تەلەپنىڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئالدىراپ-تېنەپلا يەرلىك چەكلەش تەدبىرلىرىنى چىقاردى. قانۇنىي كۈچكە ئىگە بۇ چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىزىل باشلىق ھۆججەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنىڭ تالاش-تارتىشىنى قوزغىدى. بۇ قېتىم قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىدە قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-بەلگىلىمە، يەرلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەردە ئاساس بولمىغان ئەھۋالدا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىسىدە پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىنى ئازايتىش ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ، دېگەن ئۆلچەم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ چەكلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن رامكىسىغا سېلىش، چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، تەرتىپ چۇقۇم قانۇنلۇق بولۇش تەلەپ قىلىندى. بۇ دەل بۇ قېتىم قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ھەل قىلىدىغان مەسىلە.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا قانۇن چىقىرىش خىزمىتى مۇھىم ھالقا. ھوقۇقنى ئىختىيارىي يۈرگۈزۈشنى تىزگىنلىگەن، قانۇن-بەلگىلىمىنىڭ چېكىنى ساقلىغان، تەرتىپتىكى ھەققانىلىقنى بېكىتكەن، قانۇن چىقىرىشنى ئاساسقا ئىگە قىلغان، قانۇننى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقارغاندىلا، ئاندىن سۈپەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا بۇ ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر