باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-ئايلىق CPI بۈگۈن ئېلان قىلىندى، ئۆسۈش نىسبىتى ئۇدا ئىككى ئاي ٪1تىن تۆۋەن بولدى

2015.03.11 09:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن 2-ئايلىق ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI)نى ئېلان قىلدى. ئاپپاراتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، چاغاننىڭ تەسىرىدە 2-ئايلىق CPI نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ٪0.9 كە ئۆسىدىكەن، ئۆسۈش نىسبىتى ئۇدا ئىككى ئاي ٪1تىن تۆۋەن بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ يىللىق مال باھاسى يەنە يەنىلا تۆۋەن بولىدىكەن.

  2-ئايلىق CPI نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يەنىلا ٪1تىن تۆۋەن بولدى

  بۇ يىل 1-ئايدا مەملىكەتلىك CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاران ٪0.8 ئۆسۈپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى ياراتتى. ئاپپاراتلار 2-ئايلىق CPI ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ چاغاننىڭ تەسىرىدە ئازراق ئۆسىدىغانلىقى، لېكىن يەنىلا ٪1دىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزىتىپ تەكشۈرۈشىچە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە جايلاردىكى تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بويۇملارنىڭ باھاسى مۇقىم بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 18 خىل كۆكتاتنىڭ ئوتتۇرىچە توپ سېتىش باھاسى چاغاننىڭ ئالدىكى بىر ھەپتىدىن ٪4 ئۆسكەن، كالا گۆشىنىڭ باھاسى چاغاننىڭ ئالدىدىكى بىر ھەپتىدىن ٪0.2 چۈشكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر